پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەلۇم بىر جەڭدىن غەلىبە بىلەن، سالامەت قايتىپ كەلگەندە، بىر قارا چۆرە يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەگەر ئاللاھ سىلىنى سالامەت ۋە غەلىبىلىك قايتۇرۇپ كەلسە، ھوزورلىرىدا داپ چېلىپ، ناخشا ئېيتىشقا نەزىر قىلغان ئىدىم،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نەزىر قىلغان بولساڭ، نەزىرەڭگە ۋاپا قىلغىن، ئەگەر نەزىر قىلمىغان بولساڭ ئۇنداق قىلمىغىن» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ داپ چېلىشقا باشلىدى، ئەبۇ بەكرى كىرگەندە، ئۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئەلى كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئوسمان كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئۆمەر كىرگەن ئىدى، ئۇنىڭدىن قورقۇپ ۋە ئەيمىنىپ، يوشۇرۇش ئۈچۈن داپنى ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرۇۋالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئۆمەر! شەيتان ھەقىقەتەن سەندىن قورقىدۇ، مەن ئولتۇرسام، بۇ قىز داپ چېلىۋاتاتتى، ئەبۇ بەكرى كىرسە، چېلىۋەردى، ئەلى كىرسىمۇ چېلىۋەردى، ئوسمان كىرسىمۇ چېلىۋەردى، سەن كىرىۋىدىڭ، داپنى ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرۇۋالدى» دېدى. چالغۇ-ئەسۋابلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن ئىش بولۇپ، بۇ ھەقتە كۆپ ئايەت-ھەدىسلەر كەلگەن. تويلار، ھېيت-بايراملاردەك ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ۋە بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ھۆرمەتلىك، ئۇتۇقلۇق كىشى كەلگەندە داپ چېلىش يۇقىرىقى ھۆكۈمدىن مۇستەسنادۇر