ئۇسەيد ئىبنى ھۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى خورما قۇرۇتۇپ ساقلايدىغان جايدا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى، ئېتى يېنىغا باغلاقلىق بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئوغلى يەھيا ئۇخلاۋاتاتتى، ئۇ قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا ئېتى تۇيۇقسىز ئۈركۈپ كەتتى، قۇرئان ئوقۇشتىن توختىسا ئېتىمۇ جىم تۇردى، قۇرئان ئوقۇشنى يەنە داۋاملاشتۇرىۋىدى، ئېتى يەنە ئۈركۈپ تۇرالمىدى، بۇ ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى، ئۇسەيد ئېتىنىڭ ئوغلىنى دەسسىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ قۇرئان ئوقۇشنى توختاتتى ۋە ئاتنىڭ ئۈركۈپ تۇرالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن ئاتنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئۈستى تەرەپتە ئارىسىدا چىراقلاردەك نەرسىلەر بولغان بۇلۇتتەك نەرسىنى كۆردى، ئۇ نەرسە ئاسمانغا ئۆرلەپ چېقىپ كېتىپ، كىيىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى، ئۇسەيد ئەتتىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ كىچىدە بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بىئاراملىقىنى تۈگىتىپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى بىلدۈرۈپ، كۆڭلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى كۈچەيتىپ: «ئىبنى ھۇدەير!ئوقۇغىن» دەپ ئۈچ قېتىم تەكىتلىدى، يەنى: مۇشۇنداق ئاجايىپ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغىن، بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە ھەرگىزمۇ ئوقۇشنى توختاتمىغىن، بەلكى بۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغىن دېدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئىشنىڭ سەۋەبىدىن خەۋەر بېرىپ: «ئاشۇ كۆرۈنگەن چىراقتەك نۇرلار قۇرئان تىڭشاۋاتقان پەرىشتىلەر، ئەگەر سەن قۇرئان ئوقۇشنى تاڭ يورىغۇچە داۋاملاشتۇرغان بولساڭ ئەتتىگەندە كىشىلەر پەرىشتىلەرنى ئوچۇق كۆرەتتى» دېدى