ھەدىسنىڭ مەنىسى: بەزى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ئەلچىلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى، ساھابىلار ئۇلارنى مۇسۇلمان بولدى دەپ ئويلاپ قالدى، ئەلچىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىگە قۇرئان ئۈگىتىدىغان كىشىلەرنى بىرگە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن قارىلار دەپ ئاتىلىدىغان، قۇرئان كەرىم بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن ھەممە ئىشتىن چەكلەنگەن يەتمىش كىشىنى بىرگە ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇلار كۈندۈزلىرى مەسچىتكە سۇ ئەكىلەتتى، ئوتۇن تېرىپ كېلىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا يىمەكلىك سېتىۋېلىپ، سۇپپىدىكى كەمبەغەللەرگە ۋە پىقىرلارغا بېرەتتى، ئۇنىڭ مەنىسى: ئۇلار كۈندۈز ۋاقىتلىرىدا مەسچىتكە تەرەت ئالىدىغانلار ۋە ئىچىدىغانلار ئۈچۈن سۇ ئەكىلەتتى، ئوتۇن تېرىپ كېلىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا يېمەك سېتىۋېلىپ پىقىرلارغا سەدىقە قىلاتتى، سۈپپە ئەھلىگىمۇ بېرەتتى، سۈپپە ئەھلى دېگەن: ھەر تەرەپتىن كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىگە ئورۇنلاشقان كەمبەغەللەر بولۇپ، ئۇلار مەسچىتنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈستى يېپىقلىق سۇپىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ كېچىلىرى شۇ يەردە ياتاتتى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەبنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن قارىلارنى بىرگە ئەۋەتتى، ئۇلار كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى بىئرى مەئۇنە دېگەن جايغا چۈشتى، ئۇ ئەبۇ بەرا ئىبنى مۇلائىب ئەل ئەسىننە دېگەن كىشىنىڭ تۇرىدىغان جايى ئىدى، ئۇلار ئامىر ئىبنى تۈپەيلى مەقسەت قىلىپ كەلدى، ئۇنىڭ بىلەن بىر بۆلەك ئەرلەر بار ئىدى، ئۇلار باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋېتىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھ! بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقىنىمىزنى، سېنىڭ بىزدىن ۋە بىزنىڭ سەندىن رازى بولغانلىقىمىزنى يەتكۈزگىن دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە:بىزدىن بىزنىڭ قەۋمىمىزگە سالام يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، بىز پەرۋەردىگارىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق، پەرۋەردىگارىمىز بىزدىن رازى بولدى، بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىزدىن رازى بولدۇق دېدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە بايان قىلىنغاندەك، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ھەقىقەتەن ئۇلار پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچراشتى، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن رازى بولدى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «قېرىنداشلىرىڭلار ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلار: ئى ئاللاھ!بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىزنى، بىزنىڭ سەندىن، سېنىڭ بىزدىن رازى بولغانلىقىڭنى يەتكۈزۈپ قويساڭ، دەپ تىلىدى»دېدى، يەنى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىتائەتمەنلىكىدىن رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان ئىكرامى ۋە ياخشىلىقلىرىدىن مەمنۇن بولدى، ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولغان رازىلىق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق، ئېھسان ۋە چەكسىز رەھمەت قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر