ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھۇنەين غازىتى كۈنى نۇرغۇنلىغان غەنىمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئىدى، پەيغەمبىرىمىز تائىپ قورشاۋىنى تاشلاپ غەنىمەتلەرنىڭ يېنىغا قايتتى، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى مال-چارۋىلاردىن ئېدى (يەنى 40 مىڭدىن ئارتۇق تۆگە، 120 مىڭ ئەتراپىدا قوي ئېدى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامغا يىڭى كىرگەن قەبىلىلەرگە ئۇلارنى ئىسلامغا تېخىمۇ مايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا مال-چارۋىلارنى بەردى، بۇ ئەھۋالغا ئەنسارلارنىڭ بەزىسى رازى بولمىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دېيىشكەن گەپلىرى، يەنى: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزنى قويۇپ، غەنىمەتلەرنى (بىز بىلەن ئۇرۇشۇپ) تېخى قېلىچلىرىمىزدىن ئۇلارنىڭ قانلىرى تامچىپ تۇرغان قەۋملەرگە بېرىۋاتىدۇ، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ گەپلەر يەتكەندە، ئۇلارنى بىر بايراق ئاستىغا توپلىنىشقا بۇيرىۋىدى، ئۇلار توپلاندى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ماڭا سىلەرنىڭ مۇنداق-مۇنداق دېگىنىڭلار يەتتى دەپ، ئۇلارنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئېيتىپ بەردى ۋە ئۇلارغا بىرئاز كايىدى، ئۇلارنىڭ ئىسلامنى كۈچلەندۈرۈش يولىدا قىلغان خىزمەتلىرىنى ۋە شۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى ئېچىلدى، بۇ گەپ بىلەن ئۇلار، پەيغەمبىرىمىز بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆز كارۋانلىرىغا قايتىش، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرى بەدىلىگە ئۇ دۇنيادا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قويغان نېمەتلىرىنى بىلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى سەبرىلىك بولۇشقا بۇيرۇپ ئۇ ئارقىلىق ياخشى نەتىجىلەرگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. تەيسىيرۇل ئەللام 306- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 403- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم197- بەت