رەسۇلۇللاھنىڭ: «سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا يەمەنلىكلەر كەلدى» دېگىنى، ئۇلارنى قارشى ئالغانلىق، پەزىلىتىنى بايان قىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىنىڭ قەۋمى ئەشئەرىلىكلەرمۇ بار ئىدى، ئىمام ئەھمەد مۇسنەد كىتابىدا 1553- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان ھەدىسى بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ. ئۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: «سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەتە قەلبى ئىسلامغا سىلەردىنمۇ يۇمشاق كىشىلەر كېلىدۇ» دېگەن، ئەشئەرىلەر كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىمۇ بار ئىدى، ئۇلار مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا بۇ شىئىرنى ئوقۇپ كەلگەن: «ئەتە ئۇچرىشىمىز يارەنلەر بىلەن ، مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ دوسلىرى بىلەن»، ئۇلار كەلگەن ۋاقىتلىرىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بۇ ئۇسۇلنى تۇنجى ئوتتۇرغا قويغۇچىلاردىن بولۇپ قالغان