پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سابىت بىن قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى جامائەت ئارىسىدا كۆرمىگەندىن كېيىن ئۇنى سۈرۈشتۈردى، ساھابىلاردىن بىرى: مەن سىلىگە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن جامائەتكە كەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئۇقۇپ كېلەي دەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان ئېدى، ئۇ ئۆيىدە بېشىنى ساڭگىلىتىپ بەك غەمكىن ھالەتتە ئوتۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇ كىشى: ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىدى. سابىت ئۆزىدىكى بىر يامان ئىشتىن خەۋەر بەردى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىدىن ئۈنلۈك چىقاتتى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەردىن ئۈنلۈك سۆز قىلغانلارغا ئازابنى ۋەدە قىلىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى ۋە دوزاخ ئەھلىدىن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەت نازىل قىلغان. ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ بولغان ئەھۋالنى خەۋەر قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى قايتىدىن سابىتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ئۇنىڭ دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس بەلكى جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا خۇش بىشارەت يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى. ئۇنداق بولىشى، ئۇنىڭ ئاۋازى ئەسلى تەبىئىتىدىن ئۈنلۈك ۋە يۇقىرى ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئەنسارىيلارنىڭ نۇتۇق سۆزلىگۈچىسى ئېدى.