ھەرقانداق بالا تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇنىڭ بىقىنىغا نوقۇيدۇ، بالا تۇغۇلۇپلا شەيتاننىڭ ئاشۇ نوقىشىدىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ۋاقىراپ يىغلايدۇ، پەقەت مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، مەريەمنىڭ ئانىسى ئۆز ۋاقتىدا: {مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن} دېگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئىككىسىنى شەيتاننىڭ نوقىشىدىن ساقلاپ قالغان، ئاللاھ تائالا مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىيسانى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ نوقىشىدىن ساقلاپ قالدى. مەريەمنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەرزەنتى بولمىغان ئىدى. شەيتاننىڭ بۇ تۇتىشى ياكى نوقىشى ھەقىقى بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى بەزى مۇئتەزىلىلەر دېگەندەك ئىنساننى ئازدۇرۇش تەمەسىدە بولۇش ئەمەس، بەلكى بۇنىڭغا ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە رېئاللىقتىكى نوقۇش مەنىسىدە ئىشىنىش ۋاجىپ بولىدۇ