پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننىڭ رۇخسىتىسىز، ئىشىكنىڭ ئارقىسىدىن ياكى تام تۆپىسىدىن ياكى باشقا يەرلەردىن كۆزەتچىلىك قىلسا، ئاندىن ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ تەگكۈزۈپ ياكى بىرەر تۆمۈرنى تىقىپ كۆزىنى قۇيۇۋەتسە، بۇنداق قىلغان ئادەمگە گۇناھ ياكى قىساس كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنداق يۇشۇرۇن قارىغۇچى بۇ قىلىقى بىلەن تاجاۋۇز قىلغان جىنايەتچى بولىدۇ