پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قارىتا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەق-ھوقۇقلىرىنى بايان قىلىپ بەردى. بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ئەۋۋىلى: ئۇچراشقاندا سىزگە سالام قىلغان كىشىنىڭ سالامىغا جاۋاپ قايتۇرۇش. ئىككىنچىسى: كېسەل بولۇپ قالسا، كېسىلىنى يوقلاش ۋە زىيارەت قىلىش. ئۈچىنچىسى: ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۆيىسىدىن باشلاپ جىنازە نامىزى ئادا قىلىدىغان ئورۇنغىچە ۋە ئۇ يەردىن قەبرىستانلىققىچە جىنازىگە ئەگىشىپ ھەتتا دەپنە قىلىپ بولغىچە بىرگە تۇرۇش. تۆتىنچىسى: توي، ئەقىقە دېگەندەك زىياپەتلەرگە چاقىرىلسا، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىپ بېرىش. بەشىنچىسى: بىر كىشى چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش. ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشكۈرگۈچى: ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئىشلىرىڭىزنى ياخشى قىلسۇن دەپ جاۋاپ بېرىش.