ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ». بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە:«كېچىكلەر چوڭلارغا، ماڭغانلار ئولتۇرغانلارغا، ئاز كىشىلەر كۆپ كىشىلەرگە سالام قىلسۇن» دەپ كەلگەن. تېكىست توغرا - بىرلىككە كەلگەن