ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز، دەپ جاۋاب بەرگەن تېكىست توغرا - بىرلىككە كەلگەن
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلامدىكى ئەڭ ئەۋزەل خىسلەتلەر قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى خىسلەتنى زىكىر قىلدى: بىرىنچىسى: كەمبەغەللەرگە كۆپ يېمەكلىك بېرىش، سەدىقە، ھەدىيە، زىياپەت ۋە توي قاتارلىقلارمۇ يېمەك بېرىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، بولۇپمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن، مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن ۋاقىتلاردا يېمەك بېرىش ياخشىدۇر. ئىككىنچىسى: تونىغان ياكى تونىمىغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلمانغا سالام بېرىش.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ساھابىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ئىشلارنىڭ خىسلىتىنى بىلىشكە بەك ھېرىسمەن ئېدى.
  • سالام قىلىش ۋە يېمەك بېرىش بولسا ئىسلامدىكى ئەڭ ياخشى پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولۇپ، كىشىلەر بۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
  • بۇ ئىككى خىسلەت بىلەن ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ياخشىلىق جۇغلىشىدۇ، بۇ مۇكەممەل ياخشىلىقتۇر.
  • بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرى بىلەن قىلىشىدىغان مۇئامىلىلىرىگە شۇنداقلا بەندىنىڭ رەببى بىلەن بولغان مۇئامىلىسىگە ئالاقىدار بولغان خىسلەتتۇر.
  • ئۆزئارا سالام قىلىش ۋە سالامنى بۇرۇن قىلىش دېگەن مۇسۇلمانلارغا خاس بىر ئىش بولۇپ، كاپىرغا دەسلەپتە سالام قىلىنمايدۇ.