ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر كېسەلنى يوقلىسا ياكى ئاللاھ يولىدا دوستلاشقان بىر قېرىندىشىنى يوقلىسا، بىر نىدا قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ياخشى ئىش قىلدىڭ، باسقان قەدەملىرىڭ مۇبارەك بولدى، ئۆزۈڭگە جەننەتتىن بىر ئورۇن تەييارلىدىڭ دەپ نىدا قىلىدۇ» ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن كېسەل يوقلىغىلى ياكى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدىكەن، ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ: گۇناھتىن پاك بولدۇڭ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا سەن ئۈچۈن تەييارلانغان مۇكاپاتتىن خۇرسەن بولغىن، جەننەتتىن ئۆزۈڭگە تۇرىدىغان بىر قەسىر تەييارلىدىڭ دەيدۇ