بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى ئۇچرۇشۇپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن گۇناھلىرى كەچۈرلىدۇ بۇھەدىس ھەممە سەنەدلىرى ۋە بۇنى ئىسپاتلايدىغان شاھىتلىرى بىلەن سەھىھ ياكى بولمىغاندا ھەسىندۇر - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ: «مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى ئۇچرۇشۇپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە» دېگىنى: ئۇلار كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىنلا گۇناھلىرى كەچۈرلىدۇ، دېگەن مەنىدە. «ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرىلىدۇ» يەنى ياخشى ئەمەللەر كىچىك گۇناھلارنى يۇيىلىدۇ، «ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن» دېگىنىدىن: كۆرۈشۈشنى تەكىتلەش ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش چىقىدۇ. ئەمما ئەر كىشىنىڭ يات ئايال بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتەك ھارام قىلىنغان كۆرۈشۈشلەر بۇنىڭغا كىرمەيدۇ