مېيت قەبرىگە قويۇلغاندا قەبرىگە كۆك كۆز قارىماتاق ئىككى پەرىشتە كىرىدۇ، ئۇنىڭ بىرى مۇنكەر يەنە بىرى نەكىر دېيىلىدۇ، ئۇلار مېيىتتىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مەقسەت قىلىپ: بۇ كىشى توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ دەپ سورايدۇ، مۇسۇلمان دۇنيادا دېگەندەك: ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق، مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دەيدۇ، ئۇ ئىككى پەرىشتە: سېنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق دەيدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسى ھەر تەرەپكە يەتمىش گەزدىن كېڭەيتىلىدۇ، قەبرىنىڭ ئېچى نۇرغا توشۇپ يوپ-يورۇق بولىدۇ. ئۇ كىشىگە: ئارام ئىلىپ ئۇخلا دېيىلىدۇ، ئۇ كىشى: مەن دۇنياغا قايتىپ ئائىلەمدىكىلەرگە ئەھۋالىمنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر قىلاي، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇپ مېنىڭ ئەھۋالىمدىن قايغۇرمىسۇن دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭغا: ئۆز مەشۇقىدىن باشقا كىشى ئويغاتمايدىغان يېڭى ئۆيلەنگەن يىگىتتەك ئارام ئىلىپ ئۇخلا دەيدۇ، ئۇ كىشى ئاللاھ قىيامەت كۈنى قەبرىدىن قوزغىغانغا قەدەر شېرىن ئۇيقۇدا ئۇخلايدۇ. ئەگەر قەبرىگە قويۇلغان مېيت مۇناپىق بولسا: مەن كىشىلەرنىڭ ئۇ مۇھەممەدئەلەيھىسسالام، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، مەنمۇ ئاشۇنداق دەيمەن، ئۇ ھەق پەيغەمبەرمۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ بۇنى بىلمەيمەن دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە: بىز سېنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق دەيدۇ، زېمىنغا: ئۇنى ناھايىتى چىڭ سىققىن، قىستىغىن دېيىلىدۇ، زېمىن ئۇنى بەك چىڭ سىقىپ ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۆتەشتۈرىۋىتىدۇ، زېمىننىڭ بەك چىڭ سىقىشى بىلەن قوۋۇرغىلىرى بىر-بىرىگە كىرىشىپ، بەدەنلىرى ئۇۋۇلۇپ، بىر بىقىنى يەنە بىر تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنى شۇ جايدىن قوزغىغانغا قەدەر ئاشۇ ئازاب بىلەن ئازابلىنىدۇ