پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەتكە يېقىن ئۈممىتىنىڭ ئاخىرىدا بىر تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چېقىپ يالغاننى توقۇپ ئۇلاردىن ئىلگىرى ھېچ كىشى دېمىگەن سۆزلەرنى دەيدىغانلىقى، يالغان، توقۇلما ھەدىسلەر بىلەن خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ توقۇلما-يالغان ھەدىسلىرى كۆڭلىمىزگە ئورناپ قىلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتىن ئاجىز كىلىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشقا، ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇش-قوپۇش قىلماسلىققا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىققا بۇيرىدى.