پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ: «مۇشۇ ۋاقىت كىشىلەردىن ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ ۋە تارتىۋېلىنىدىغان ۋاقىتتۇر»دېدى. زىياد بىن لەبىيد ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۆزدىن ھەيران قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىدى، ئىلىم بىزدىن قانداق كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ، قانداق زايە بولۇپ كېتىدۇ؟ بىز قۇرئاننى ئوقۇدۇق، ياد قىلدۇق، ئاللاھ بىلەن قەسەم! بىز ئەلۋەتتە قۇرئاننى ئوقۇيمىز، ئاياللىرىمىزغا ئوقۇتىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا ئوقۇتىمىز، ئەۋلادلىرىمىز ئەۋلادلىرىغا ئۈگىتىدۇ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەئەججۈپلىنىپ مۇنداق دېدى: «ئى زىياد! ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن، مەن سېنى مەدىنە ئەھلىنىڭ ئۆلىمالىرىدىن دەپ ھېسابلايتتىم». ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ بەردى: ئىلىمنىڭ يوقۇلىشى قۇرئاننىڭ يوقۇلىشى ئەمەس، لېكىن ئىلىمنىڭ يوقۇلىشى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنىڭ يوق بولىشىدۇر يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ يېنىدا تەۋرات بىلەن ئىنجىل بولماقلىقى بىلەن ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، ئۇلار ئىنجىل، تەۋراتنىڭ ئەسلى مەقسىدىدىن پايدىلىنالمىدى، ئۇ بولسىمۇ بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشتۇر.