پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت يېقىنلاشقان ۋاقىتلاردا بىر تۈركۈم كىشىلەر سورۇن تۈزەپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ ياستۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ ئادەم: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئايرىيدىغانغا قۇرئان كەرىم كۇپايە قىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدە ھالال دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىمىز، ھارام دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەردىن يىراق بولىمىز دەيدۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ھەدىسلىرىدە چەكلەنگەن ۋە ھارام قىلىنغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ ھۆكۈمدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھارام قىلغان نەرسىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزگۈچىدۇر.