پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن ئاز بولسىمۇ بىر ئايەت ياكى بىر ھەدىس بولسىمۇ قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئىلمىنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىيدۇ، بۇنىڭ شەرتى: ئۇ كىشى باشقىلارغا يەتكۈزگەن ياكى چاقىرغان نەرسىنى بىلگەن بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ شەرىئىتىمىزغا زىت بولمىغان ھالەتتىكى بەنى ئىسرائىل ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە يالغاننى توقۇشتىن ئاگاھلاندۇردى، كىمكى ئۆزىگە قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزى ئۈچۈن دوزاختىن ئورۇن ھازىرلىسۇن دېدى.