ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر سۆزنى يېزىش ئارقىلىق ئېسىمدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ يازاتتىم، قۇرەيشتىن بىر قىسىم كىشىلەر مېنى ئۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ: سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى يازامسەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان، ئاچچىغى كەلگەن ۋە كۆڭلى خوش ھالەتلەردە سۆزلەيدۇ. شۇنداقلا، بەزىدە خاتا كېتىدىغان تۇرسا؟ دېۋىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يېزىشتىن توختىدىم. ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارمىقى بىلەن ئېغىزىغا ئىشارەت قىلىپ: «يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن خۇرسەنلىك بولسۇن ياكى ئاچچىغى كەلگەن ۋاقىتتا بولسۇن ھەرقانداق ھالەتتە پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا یَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰۤ * إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ» [سۈرە نەجىم 3-4-ئايەتلەر].