پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنىڭ ھەممىسىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقى، پەقەت باش تارتقانلارنىڭ كىرمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ساھابىلار -ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىم باش تارتىدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: «كىمكى ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بويسۇنۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئىتائەت قىلىدىكەن جەننەتكە كىردى، كىمكى ئاسىيلىق قىلىدىكەن، شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپىغا بويسۇنمايدىكەن، ناچار ئەمەللىرى بىلەن جەننەتكە كېرىشتىن باش تارتتى دېدى».