ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەۋەر بىرىپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ قىيامەت كۈنى» ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېلىپ سەجدە قىلىدۇ ۋە ھەمدۇ-سانا ئېيتىدۇ، بىرىنچى قېتىمدىلا شاپائەت تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇنىڭغا: ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈرگىن، سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ. خالىغىنىڭنى سورىغىن، سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ. شاپائەت تىلىگىن، شاپائەت قىلىش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

قىيامەت كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىدۇ ۋە دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۈيۈك شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا دەيدۇ: ئى مۇھەممەد! سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ، خالىغىنىڭنى سورىغىن، سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ. شاپائەت تىلىگىن، شاپائەت قىلىش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ