پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدە ئۆلۈمنىڭ ئالا قوچقارنىڭ شەكلىدە كەلتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئى جەننەت ئەھلى! دەپ چاقىرىلىدۇ، ئۇلار بويۇنلىرىنى سوزۇپ، باشلىرىنى ئۈستۈن قىلىپ قارىشىدۇ. ئۇلارغا: بۇنى تونۇمسىلەر؟ دەيدۇ. ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرگەن ۋە تونۇغان ئىدى. ئاندىن بىر چاقىرغۇچى :ئى دوزاخ ئەھلى! دەپ چاقىرىدۇ، دوزاخ ئەھلى بويۇنلىرىنى سوزۇپ، باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قارىشىدۇ. بۇنى تونۇمسىلەر؟ دەيدۇ. ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرگەن. ئۇ قوچقار بوغۇزلىنىدۇ ئاندىن بىر چاقىرغۇچى: ئى جەننەت ئەھلى! ئۆلۈم يوق، ئەبەدىل ئەبەد جەننەتتە قالىسىلەر، ئى دوزاخ ئەھلى! ئۆلۈم يوق، ئەبەدىل ئەبەد دوزاختا قالىسىلەر دەيدۇ. ئۇ بولسا مۇئمىنلەرنىڭ چەكسىز نېمەتتە بولىدىغانلىقى ۋە كاپىرلارنىڭ دەرتلىك ئازابتا بولىشى ئۈچۈندۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: :«وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لاَ يُؤْمِنُونَ» تەرجىمىسى:«ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر(قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر» [سۈرە مەريەم 39-ئايەت]. قىيامەت كۈنىدە جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلىنىڭ ئارىسى ئايرىلىدۇ، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ بارىدىغان جايىغا بارىدۇ، ئۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ. يامان ئىش قىلغۇچى دۇنيادا ياخشى ئىش قىلمىغانلىقىغا، ياخشىلىقنى ئاز قىلغۇچى ياخشىلىقتىن زىيادە قىلمىغانلىقىغا ھەسىرەتلىنىپ پۇشايمان قىلىدۇ،