بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇلار كېلىپلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياقتۇرمايدىغان بەزى سۆزلەر بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ماختىغىلى تۇردى. ئۇلار: سىلە بىزنىڭ خوجىمىز، ئىگىمىز دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئىگىمىز، خوجىمىز ئاللاھ»دېدى. ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىنىڭ تولۇق خوجايىنىدۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇلىدۇر. ئۇلار: سىلە مەرتىۋە، شەرەپ، ئالاھىدىلىك ۋە ئۈستۈنلۈك جەھەتتە بىزنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىمىز، دېدى . مەرتىۋە، ئۈستۈنلۈك جەھەتتە ئەڭ كاتتىمىز، ئاتا-ئېھساننى ھەممىدىن كۆپ قىلغۇچى دېدى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۆزلىرى ئادەتلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشقا، زىيادە تەكەللۇپ قىلماسلىققا بۇيرىدى، چۈنكى زىيادە تەكەللۇپ قىلغاندا شەيتان ئازدۇرۇپ چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشكە، ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھ ھارام قىلغان شېرىك ۋە ئۇنىڭ ۋاستىلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ.