بىر كىشى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئەتىگەن-كەچتە ئۇنىڭغا دوزاختىن ياكى جەننەتتىن بولغان ئورنى كۆرسىتىلىپ، ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بولسا، جەننەتتىكى ئورنى، دوزاخ ئەھلىدىن بولسا دوزاختىكى ئورنى كۆرسىتىلىپ، بۇ، قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا سېنى تىرىلدۈرگەن ۋاقىتتىكى سېنىڭ قارارگاھىڭ دېيىلىدۇ