مېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر سالىھ بەندە بولسا: ئۇ جەننەتنىڭ نېمەتلىرىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى بەندە بولسا: دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ ھالىمغا ۋاي مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭدىڭلار، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنساندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ، ئەگەر ئىنسان ئاڭلىسا ئىدى، قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتەتتى