قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا دوزاخ ئۈستىگە بىر كۆرۈك بەرپا قىلىدۇ، كۆۋرۈك ئەتراپىدا قاتتىق تىكەنلەر بولۇپ، كىشىلەرنى ئۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە بۇيرۇيدۇ، بەزىلەر دوزاخقا چۈشۈپ كەتمەستىن سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ تېرىسىنى تىكەن سۈرىۋەتسىمۇ سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر ئۆتەلمەي دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلەردىن ھېساب ئېلىپ جەننەت ئەھلىنى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلىنى دوزاخقا كىرگۈزۈپ بولغاندا، مۆمىنلەر جەننەتتە دۇنيادا ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە غازات قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تاپالمايدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ: دۇنيادا بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە جىھاد قىلغان كىشىلەر بار ئىدى، ئۇلارنى جەننەتتە تاپالمىدۇق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: دوزاخقا بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ئۇلار دوزاختا بولۇپ قالسا، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىڭلار دەيدۇ، مۆمىنلەر ئۇلارنى دوزاختىن تاپىدۇ، دوزاخ ئوتى ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى بويىچە كۆيدۈرگىلى تۇرغان ئىكەن، يەنى بەزىلەرنىڭ ئىككى قەدىمىنى، بەزىلەرنى پۇتىغىچە، بەزىلەرنى تىزىغىچە، بەزىلەرنى كۆكرىكىگىچە، بەزىلەرنى كېكىردىكىگىچە، بەزىلەرنى بوينىغىچە كۆيدۈرگىلى تۇرۇپتۇ، ئەمما يۈزلىرىگە ئوت تەگمەپتۇ. مۆمىنلەر ئۇلارغا شاپائەت قىلىپ ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىپ ھاياتلىق سۈيىگە تاشلايدۇ، ئۇ سۇغا چۆمۈلگەن كىشى خۇددى جىلغا ئەتراپىغا ئۈنگەن ئۆسۈملۈكلەردەك قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىلەرگە شاپائەت قىلىپ، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىدۇ». ئاندىن ئاللاھ تائالا دوزاختا قالغان باشقا كىشىلەرگىمۇ ئۆز رەھمىتى بىلەن كۆيۈنۈپ، قەلبىدە زەررە مىقدارى ئىمان بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دوزاختىن چىقىرىدۇ