پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئۇممىتىدىن كۆلگە سۇ ئېچكىلى كىلىدىغانلارغا قاراش ئۈچۈن كۆلنىڭ ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. كىشىلەر كۆلگە كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يېقىن كەلگىلى تۇرغاندا ئۇلار تۇتىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى رەببىم! ئۇلارنىڭ مېنىڭ يېقىنلىرىم، ئۇلار مېنىڭ ئۇممىتىم دەيدۇ. ئۇلارنىڭ سەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلدىڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئۇلار دائىم كەينىگە قايتىپ، دىندىن يېنىۋالدى، ئۇلار سېنىڭ يېقىنلىرىڭمۇ ئەمەس ۋە سېنىڭ ئۇممىتىڭدىنمۇ ئەمەس دېيىلىدۇ.