ئەبى بەرزەتەل ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى نېمىگە سەرىپ قىلدى، ئۈگەنگەن ئىلىمىگە قانچىلىك ئەمەل قىلدى، مال-دۇنياسىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نېمە ئىشلارغا چېقىم قىلدى، جىسمىنى نېمە ئىشلار بىلەن خورۇتتى؟ بۇنىڭدىن سورىلىدۇ؟». تېكىست توغرا - تىرمىزى رىۋايىتى
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: ئىنسانلاردىن ھەر بىر كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدە تۆۋەندىكى ئىشلاردىن سورالماي تۇرۇپ ھېساپ مەيدانىدىن جەننەتكە ياكى دوزاخقا ئۆتۈپ كەتمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بىرىنچى: ھاياتىنى نېمە ئىشلار بىلەن ئاخىرلاشتۇردى؟. ئىككىنچى: ئۈگەنگەن ئىلمى بىلەن ئاللاھ رازىلىقىنى تەلەپ قىلدىمۇ؟، بىلگىنىگە يارىشا ئەمەل قىلدىمۇ؟، ئىلىمنى كىشىلەرگە يەتكۈزدىمۇ؟. ئۈچىنچى: مال-دۇنيانى قەيەردىن تاپتى، ھالالدىنمۇ ياكى ھارامدىنمۇ؟، مالنى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلدىمۇ ياكى ئاللاھ غەزەپ قىلىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلدىمۇ؟. تۆتىنچى: جىسمىنى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى، ساقلىقىنى، ياشلىقىنى نېمە ئىشلار بىلەن يوق قىلدى ۋە نېمىگە سەرپ قىلدى؟.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئىنسان ھاياتىنى غەنىمەت بىلىپ، ئۇنى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تېرىشىش كېرەك.
  • ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى بەك كۆپ، ئىنسان ئۇ نېمەتلەردىن سوئال قىلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىش كېرەك.