ساھابىلار بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىر يەردە بولغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن مۇئمىنلەر قىيامەت كۈنىدە رەببىنى ھېچ قانداق توسالغۇسىز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، ئۇلار رەببىنى كۆرىدىغاندا قېيىنچىلىق تارتمايدۇ، چارچىمايدۇ، قىستىلىشىپ قالمايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەرنى بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان سەۋەپلەرنى يوق قىلىشقا قادىر بولالىساڭلار شۇنداق قىلىڭلار، ئۇ ئىككى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىڭلار، بۇ ئىش قىيامەتتە ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا قاراشقا سەۋەپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: ﴿وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ﴾ تەرجىمىسى:«ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن» [سۈرە تاھا 130-ئايەت].