ئەھلى جەننىتىنىڭ بەزى سۈپەتلىرى: ئاجىز ۋە باشقىلار تەرىپىدىن بۆزەك قىلىنغۇچى، ئورۇن، مەرتىۋىسىگە پەرۋا قىلمايدىغان، دۇنيادا ئۈستۈنلۈك قازىنىشقا ھەرىكەت قىلمايدىغان، لېكىن ئۆزى ئاجىز ۋە باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك ئېتىلگۈچى كىشى بولۇپ، ئەگەر بىرەر ئىش ئۈچۈن قەسەم قىلسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ شۇ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ قەسەم قىلغان ئىشىنى روياپقا چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەمما دوزاخ ئەھلىنىڭ سۈپەتلىرى بولسا: ئۇلار قوپال، كىشىلەرگە جاپا سالىدىغان، ئېچى قوتۇر، ھەقىقەتكە بويسۇنمايدىغان، پۈتۈن ئەقلى ماددى نەرسىلەرگە مەركەزلەشكەن، ئۆزىگە پەرز بولغان زاكاتنىمۇ ئادا قىلمايدىغان، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقنى رەت قىلىدىغان، ئۆزىنى كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان كىشىلەردىن ئىبارەت، ئەھلى جەننىتى بىلەن ئەھلى دوزىخىنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغانلىرىلا ئەمەس بەلكى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ يەردە ئىككى پىرقىنىڭ بەزى سۈپەتلىرى بايان قىلىندى