كىمكى "ئەستەغپىرۇللاھ ئەللەزى لائىلاھە ئىللاھۇۋەل ھەييۇل قەييۇم ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھى" دېسە، ھەتتا ئۇ كىشى جەڭدىن قېچىشتەك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئۇرۇشتىن قېچىش بولسا سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغان يەتتە تۈرلۈك ھالاكەتكە تاشلايدىغان چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھالاكەتكە تاشلايدىغان يەتتە تۈرلۈك چوڭ گۇناھدىن يىراق بولۇڭلار، جەڭدىن قېچىشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن، ھەدىسنىڭ توغرا چۈشەندۈرۈلۈشى: بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت ئۇ كىشى بارلىق گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلدى، جەڭدىن قېچىشمۇ شۇ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. پەقەت ئاغزىدا ئىستىغپار ئېيتىپ قويۇپ گۇناھنى داۋام قىلىۋەرسە بۇنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ھەقىقى مەنپەئەت قىلىدىغىنى سادىر قىلغان گۇناھىغا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە ئىستىغپار ئېيتىشتىن ئىبارەتتۇر