پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئۆيگە كىرگەندە ۋە يىمەك يېيىشتىن ئىلگىرى ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا بۇيرىدى، ۋە ئۆيگە كىرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا: "بىسمىللاھ" دەپ ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق ۋە كەچلىك يىمەكمۇ يوق، چۈنكى بۇ ئۆينىڭ ساھىبى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن سىلەردىن ھىمايە قىلىندى دەيدۇ. ئەمما مۇسۇلمان كىشى ئۆيىگە كېرىدىغان ۋاقىتتا, يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە ئۆزلىرىگە قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپقانلىغىدىن خەۋەر بېرىدۇ.