پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر تۈرلۈك زىكىرلەردىن خەۋەر بېرىپ، بۇ زىكىرنى دېگۈچىلەر زىيان تارتمايدۇ، پۇشايمان قىلمايدۇ، بەلكى مۇشۇ سۆزلەرنى دېگەنلىكىگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئەگىشىپ كېلىدۇ، ھەر پەرز نامازلاردىن كېيىن دېيىلىدۇ، ئۇلار: ئوتتۇز ئۈچ قېتىم سۇبھانەللاھ يەنى ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكتۇر دېيىش. ئوتتۇز ئۈچ قېتىم گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر دېيىش. بۇ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە كاتتىلاش بىلەن بىرگە مۇكەممەل سۈپەت بىلەن سۈپەتلەشتۇر. ئوتتۇز تۆت قېتىم ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىلەردىن بۈيۈكتۇر، كاتتىدۇر، ھەممە نەرسىلەردىن ئىززەتلىك، غالىپتۇر.