ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تەشەھھۇتتە «ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ساڭا ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن» دەپ سالام بېرىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قانداق شەكىلدە دۇرۇت يۇللاش كېرەكلىكىنى سورىغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۆزىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت ئېيتىش كېرەكلىكى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلدۈردى: «ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن». يەنى: ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دىندا ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن بولغان مۇئمىنلەرنى ھوزۇرۇڭدا گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەن ماختىغىن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت سالام يوللىغاندەك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى پەزىلەتلىك قىلغاندەك، ئۇلار: ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، مۇئمىنلەردىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىدۇر، بۇ پەزلىڭنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ قېتىۋەتكىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەلەنگۈچى ۋە ئۇلۇغ. يەنى: سەن زاتىڭدا، سۈپەتلىرىڭدە، ئىش-ھەرىكەتلىرىڭدە، چەكسىز كاتتىلىقىڭدا، ھۆكۈمرانلىقىڭدا ۋە ئاتا-ئېھسانلىرىڭدا ماختالغۇچىدۇرسەن. ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن» يەنى ياخشىلىق، ئىززەت-ئىكرامنىڭ كاتتىسىنى زىيادىسى بىلەن بەرگىن، ئۇنى داۋاملاشتۇرغىن.