پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامىزىدا ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا بەش تۈرلۈك دۇئانى قىلاتتى، بۇنىڭغا مۇسۇلمان بەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ دۇئا دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان، مەغپىرەت تەلەپ قىلىش، گۇناھىنىڭ يوشۇرلىشى، ئەپۇ قىلىنىشى، رەھمەتنىڭ كەڭرى بولىشى، تۈرلۈك زاھىرى ۋە باتىنى كېسەللەر، شەك-شۈبھىلەردىن سالامەت بولىشى، ئاللاھ تائالادىن ھەق ئۈستىدە تەۋرەنمەستىن مۇستەھكەم قىلىشنى سورىشى، پاكىزە ھالال مال، ياخشى ئەمەل، ئىلىم ۋە ئىماننى رىزىق قىلىپ بېرىشنى سورىشىدىن ئىبارەتتۇر.