ھەدىسنىڭ مەنىسى: رۇكۇ قىلغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ھىم تۇتاتتى، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا ئىككى ئالقىنى بىلەن ئىككى تېزىنى چىڭ تۇتۇپ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، بۇنداق قىلىش بىلەن رۇكۇدا ئۇچىسى بىلەن بېشىنى باراۋەر قىلىپ مۇستەھكەم تۇرغىلى بولىدۇ، سەجدە قىلغاندا بولسا ئىككى ئالقىنىنى يەرگە قوياتتى، بارماقلىرىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە چاپلاپ ئارىسىنى ھىم قىلاتتى، بۇنىڭ قىبلىگە مۇكەممەل يۈزلىنىشكە ۋە سەجدە قىلىش جەريانىدا جىسمىنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولاتتى