ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولىدۇ، مېنى نامازنى خۇشۇ بىلەن ئادا قىلىشتىن كاشىلا بولىدۇ، ئوقۇغان تىلاۋېتىمنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدا ماڭا شەك پەيدا قىلىپ قويىدۇ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋە تاپقان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، ئاللاھ بىلەن ساقلانغىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرىغاننى قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.