بىر قانچە كىشى ساھابىلاردىن بىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبىرىنىڭ نېمىدىن ياسالغانلىقىنى سورايدۇ، ئۇلار بۇ توغرىدا تالاش-تارتىش قىلغان ئېدى، ساھابى ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنسارىلاردىن خىزمەتچىسى ياغاچچىلىقنى بىلىدىغان بىر ئايالغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: «خىزمەتچىڭىزنى بۇيرۇڭ ماڭا بىر مۇنبەر ياساپ بەرسۇن، مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلاي دېدى»، ئايال ماقۇل دەپ خىزمەتچىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چىلان دەرىخىدىن بىر مۇنبەر ياساپ بېرىشكە بۇيرىدى، خىزمەتچى ياساپ ئەكەلگەندە، ئايال ئۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى مەسچىتتىكى ھەزىرقى ئورنىدا قويۇشقا بۇيرىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەرنىڭ ئۈستىگە چېقىپ ناماز باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىدە تەكبىر ئېيتتى، ئۇنىڭدىن مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ رۇكۇ قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىنى قىبلىدىن بۇرىماستىن كەينىچە مۇنبەردىن چۈشۈپ زېمىنغا سەجدە قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇنبەرگە چىقتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندا كىشىلەرگە يۈزلىنىپ: «ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن مەن سىلەرگە نامازنى ماڭا ئوخشاش ئادا قىلىشنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم» دېدى.