مالىك ئىبنى ئەلھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىنىڭ ھەر رەكىتىدە راۋۇرۇس ئولتۇرمىغىچە ئورنىدىن تۇرمايتتى، دەيدۇ سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

بىرىنچى رەكئەتتىن ئىككىنچى رەكئەتكە ۋە ئۈچىنچى رەكئەتتىن تۆتىنچى رەكئەتكە تۇرىدىغان ۋاقىتتا دەرھال تۇرماستىن، يېنىك ئولتۇرۇۋىتىپ، ئاندىن تۇرۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولۇپ، بۇ ئارام ئېلىش ئولتۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق ئولتۇرغانلىقىنى كۆپلىگەن ساھابىلار رىۋايەت قىلغان