«ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويدى» ئەگەر قول دېگەن سۆز ئايرىم كەلسە، ئۇنىڭدىن ئالقان مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ يەردىمۇ ئالقان مەقسەت قىلىنغان. بۇ گەپنى، ئەبۇ داۋۇت ۋە نەسائى قاتارلىق ئىماملار كەلتۈرگەن ھەدىسلەر كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدا: «ئاندىن، ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئالقىنىنىڭ دۈمبىسى، بېغىشى ۋە بىلىكىگە قويدى». بېغىش، دېگەن: بىلەك بىلەن ئالقاننىڭ ئارىلىقىدىكى بوغۇم. مەيدىسىگە، دېگەن: ئۇ نامازدا قىيامدا تۇرغاندا، ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئۇ ئىككىسىنى مەيدىسىگە قويغان ھالەتتە قىيامدا تۇرغانلىقىنى كۆرسۈتىدۇ