ناماز دېمەك سۆز ۋە ھەركەتلىرىمىز ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، بۇ ھەدىستە نامازنىڭ شۇئارىنى بايان قىلغان، ئۇ بولسىمۇ بۈيۈكلۈك، كاتتىلىقنىڭ ئاللاھ تائالاغا خاس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش. شۇئارى ۋە تەبىئىتى بۇ بولغان بىر ئىبادەت پەقەتلا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەش ئۈچۈن بولغان بولىدۇ. باشلاشتىلا تەكبىر بىلەن تىك ۋە رۇس تۇرغان ھالدا باشلايدۇ، سۇرە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تەكبىر بىلەن رۇكۇغا چۈشىدۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە « سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ تىك تۇرىدۇ، ئاندىن شۇ ھالدا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئوقۇيدۇ، سەجدە قىلغاندا يەنە تەكبىر بىلەن قىلىدۇ، سەجدىدىن تۇرغاندىمۇ تەكبىر بىلەن تۇرىدۇ، نامىزىنىڭ قالغىنىدا تۈگكەنگە قەدەر شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىدۇ، ئىككى تەشەھھۇدلۇق نامازدا بىرىنچى تەشەھھۇدتىن تۇرغاندا تەكبىر بىلەن تۇرىدۇ، شەرىئەت رۇكۇدىن تۇرۇشتىن باشقا ۋاقىتتىكى ھەر بىر ھەركەتتە تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرىدى