بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنى سۈپەتلەپ، ئۇنىڭ قانداق ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن، ئىنچىكە كۆزىتىپ تۇرغان ئىدى. ئۇ: رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنىڭ ھەرىكەتلىرى بىر - بىرىگە مۇناسىپ ھالدا باراۋەر كېلەتتى؛ ئۇنىڭ قىرائەت ئۈچۈن قىيامدا تۇرۇشى بىلەن تەشەھھۇد ئۇقۇش ئۈچۈن ئولتۇرۇشى، رۇكۇ ۋە ئۇنىڭدىن رۇسلىنىش ۋە سەجدىگە مۇناسىپ ھالدا بولاتتى، مەسىلەن قىيامدا تۇرۇشنى ئۇزارتىپ رۇكۇغا يەڭگىل قىلىپ قويمايتتى. ياكى سەجدىنى ئۇزارتىپ ئاندىن قىيامنى ياكى ئولتۇرۇشنى قىسقارتىپ قويمايتتى. بەلكى نامازنىڭ ھەربىر رۇكنىنى يەنە بىر رۇكنىغا مۇناسىپ كەلتۈرۈپ قىلاتتى. بۇنىڭ مەناسى، قىيامدا تۇرۇش ۋە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش، رۇكۇ ۋە سەجدە مىقدارىدا بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى بىرىنى يەڭگىللىتىپ يەنە بىرىنى ئېغىر قىلىپ قويمايدۇ، دېگەنلىكتۇر