نامازخان نامازغا تۇرغاندا كىشىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نامىزىنىڭ ساۋابىنىڭ كەمىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر نەرسىنى سەتىر قىلىپ ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىشقا يۈزلەنگەن بولسا، كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشنى مەقسەت قىلسا مۇلايىملىق بىلەن ئۇ كىشىنى ئېتىرىۋىتىپ ئالدىدىن ئۆتكۈزمىسۇن، ئەگەر ئۇ ئۇنىماستىن ئۆتۈشكە تەمشەلسە، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى يوقىتىپ، ھەددىدىن ئاشقۇچى بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى قول بىلەن قاتتىق ئېتىرىپ توسۇش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ بۇ قىلمىشى كىشىلەرنىڭ ئىبادەتلىرىنى بۇزۇشنى، ئۇلارنىڭ نامازلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋىتىشنى مەقسەت قىلىدىغان شەيتاننىڭ ئىشىدۇر