نامازخان ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغان ۋە تىۋىنغان ھالدا تۇرىدۇ، مۇشۇ ئەھۋالدا ئالدىدىن بىر كىشى ئۆتسە دىققىتى چېچىلىپ، ئىبادىتىگە سەلبى تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نامازخاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ نامىزىغا نۇقسان يەتكۈزگەن كىشىنىڭ گۇناھى ئېغىر بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېدىكى: ئەگەردە نامازنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئۆزىگە يېزىلىدىغان گۇناھنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، ئۇ يەردىن ئۆتمەي ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ تۇرۇشنى ئەلا بىلەتتى. بۇ ھەدىس نامازنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ