ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھوجرىسىنىڭ پەنجىرسىنى ياپىدىغان رەڭلىك، كەشتىلەنگەن نىپىز بىر يۇڭ پەردىسى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەنى ئۇنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇپ، ئۇ پەردىنىڭ رەڭلىرى ۋە نەقىشلىرى نامازدا رەسۇلۇللاھنىڭ كۆز ئالدىغا كىلىۋىلىپ، نامازدا تولۇق كۆڭلىنى قويىشىغا، زىكىرلىرىنىڭ، تىلاۋىتىنىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىغا ۋە نامازنىڭ بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش غايىلىرىغا تەسىر يەتكۈزىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۇنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلدى