پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدە راۋرۇس بولۇشقا بۇيرىدى. بۇنى ناماز ئوقۇغۇچى سەجدىدە؛ ئىككى ئالقىنىنى يەرگە قويۇش، ئىككى بىلىكىنى يەردىن كۆتۈرۈش ۋە ئۇنى بېقىنىدىن يىراقراق تۇتۇش ئارقىلىق چىرايلىق بىر شەكىلدە تۇرۇشقا بۇيرىدى. چۈنكى بۇنداق تۇرۇش، نامازدا تەلەپ قىلىنغان ھەركەتچانلىق ۋە قىزغىنلىقنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بۇ شەكىل، سەجدە قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى، ئۆزىنىڭ ئىبادەتتىكى نېسىۋىسىنى ئېلىشقا ئىمكانىيەت بېرىدۇ. سەجدىدە ئىككى بىلەكنى يېيىپ تۇرۇش چەكلىنىلدى، چۈنكى بۇنداق قىلىش، ھورۇنلۇق ۋە زىرىككەنلىكنىڭ نىشانىدۇر. يەنە بۇنىڭدا ئىتقا ئوخشاپ قېلىش بولۇپ، بۇ ئوخشاشلىق نامازخانغا نا لايىقتۇر