ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئادا قىلىش سۈپەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا تۇرغاندا، ناماز باشلاش تەكبىرىنى (تەكبىرەتۇل ئېھرام) ئېيتاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن رۇكۇغا، سەجدىگە بارغاندا، رۇكۇدىن ۋە سەجدىدىن تۇرغاندا، ئىككىنچى سەجدىگە بارغاندا ۋە ئۇنىڭدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە، ئۈچ رەكەتلىك ياكى تۆت رەكەتلىك نامازنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكەتنى ئوقۇپ بولۇپ بىرىنچى قېتىملىق تەشەھھۇتتىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئاخىرلاشقۇچە ھەممە رەكەتتە بۇ ئىشلارنى قىلىدۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆرە تۇرغان ھالەتتە: رەببەنا لەكەل ھەمد(ئى رەببىمىز ئاللاھ! بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر سىلىگە خاستۇر)دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى ئادا قىلىپ بولۇپ جامائەتكە قاراپ: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! مەن سىلەرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزىغا ئوخشايدىغان ياكى شۇنىڭغا ئەڭ يېقىن شەكىلدە ناماز ئوقۇپ بەردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر ئوقۇغان نامىزى مۇشۇنداق ئېدى دېدى».