ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى زەينەبنىڭ ئەبىل ئاس ئىبنى رەبىئ ئىبنى ئابدۇشەمسدىن بولغان قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيتتى، سەجدە قىلغاندا ئۇنى قويۇپ تۇرۇپ، تۇرغاندا كۆتۈرۈۋالاتتى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەۋرىسى ئۇمامە بىنتى زەينەپنى كۆيۈنگەن ۋە ياخشى كۆرگەنلىكتىن نامازدا كۆتۈرۋالاتتى، قىيامدا تۇرغاندا مۇرىسىدە قوياتتى، رۇكۇ، سەجدە قىلغاندا يەردە قويۇپ قوياتتى