رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈردى، كېچىنىڭ خېلى بىر قىسىمى ئۆتتى، ئۇزۇن ساقلاشقا قۇربىتى يەتمەيدىغان ئاياللار، بالىلار ئۇخلاپ قالدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: ناماز ئوقۇۋالىلى، ئاياللار، بالىلار ئۇخلاپ بولدى، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇيۇنغانلىقتىن باشلىرىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقتى ۋە چۈشەندۈرۈپ دېدى: خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرۈپ ئوقۇش ئەۋزەل، ئەگەردە نامازنى ساقلاپ ئۈممىتىمگە جاپا بولمايدىغان بولسا ئىدى، خۇپتەننى كىچىكتۈرۈپ بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم، دېدى