پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۈممىتى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى دالىدىكى كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشۇتۇپ: ئۇ كىشىنىڭ دالىدا ئوت ياققانلىقى، ئۇ ئادەم توسۇپ تۇرسىمۇ، چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشارەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆتقا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، چۈنكى چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش كىچىك ھاشارەتلەرنىڭ ئوتقا ئۆزىنى ئاتىدىغان تەبىئىتى بارلىقىنى بايان قىلدى. بىر ئادەم دالىدا ئوت ياقسا ئۇلار يورۇقلۇققا قاراپ كىلىدۇ. خۇددى مەن ئەلۋەتتە سىلەرنى ئوتقا چۈشۈشتىن توسۇۋاتىمەن، ئەمما سىلەر مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ كېتىپ بارىسىلەر، دەيدۇ. ئۇ بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئىتىش بىلەن بولىدۇ